PODCAST · news
كۈندىلىك ئاڭلىتىش
by RFA
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرى، خەلقارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئانالىزلىرى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
384
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 8-ماي)
1.مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار 5-ماي دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىدى2. ئارفىيە ئابلەتنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتىدىكى ئۇيغۇرچە سۆزى تەسىر قوزغىدى3.لوندوندا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەدەنىيەت كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى4.ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋازى «كۆچمەنلىك يىپلىرى» ناملىق سەنئەت تۈرىدە نامايەن بولدى5.خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنسان ھەقلىرى يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان6.ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئامېرىكا سوتىغا سىسكو دېلوسى ھەققىدە بايانات سۇندى7.ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» ھەققىدە قارار ماقۇللىدى8.تۈرمىدە تۈزۈلگەن پىلان: ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
383
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 1-ماي)
1.قەشقەردە ئاھالىلەرگە ئائىلە-تەۋەبىئاتلىرىنىڭ ئۆلۈم ئۇچۇرىنى جەمئىيەتكە تارقاتماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلگەن2.ئامېرىكىدا پاناھلانغۇچىلارنىڭ «ۋەتىنىگە يورغىلىشى»نى توسىدىغان قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى3.قاسىمجان قەشقىرى كۇلمان يازغۇچىلار مەركىزىنىڭ تەتقىقات مۇكاپاتى پروگراممىسىغا تاللاندى4.خىتاي ۋەكىلى ب د ت يىغىنىدا دولقۇن ئەيسانى تېررورچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىپلىدى5.لابۇبۇ قورچاقلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق پاختا بايقالدى6.مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن «ئۇيغۇرچە قەلئە» ناملىق قوشاقلار توپلىمى نەشر قىلىندى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
382
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 24-ئاپرىل)
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى ئەخمەت ئىگەمبەردى ۋاپات بولدى.مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى مەرھۇم ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ھاياتىغا يۈكسەك باھا بەردى.ئورالخان ئابېنقىزى: يولدىشىم جىنايەت ئۆتكۈزمىدى، مىللىي ۋە ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلدى.سېيىت تۈمتۈرك تۈرك يازغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.ئادىيان زېنزنىڭ يېڭى دوكلاتى: لاگېرلار تۈرمىگە ۋە يوشۇرۇن تەقىپكە ئۆزگەرگەن.ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىگە سىڭىپ كىرگەن. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
381
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 17-ئاپرىل)
1. ئارفىيە ئېلى «دۇنياۋى ئالاھىدە ياش رەھبەرلەر» قاتارىغا تاللاندى.2. پائالىيەتچى ئابلىكىم ئىدرىس مالايسىيا چېگراسىدىن مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىلدى.3. سابىق مۇئاۋىن ۋالىيسى ئەنۋەر تۇرسۇن تۈركىيە فىلىملىرىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان.4. ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى.5. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى شىۋېتسىيەدە جەم بولدى.6. تەتقىقاتچى جېن بۇنىن ب د ت نى پاكىتلار بىلەن تەمىنلەش كۆرسەتمىسى ئېلان قىلدى.7. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېخنىكىىلىق نازارەت سىستېمىسى خەلقئارادا ئەندىشە قوزغىماقتا. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
380
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 10-ئاپرىل)
بارىن قوزغىلىڭىنىڭ 36 يىللىقى خاتىرىلەندى. دۇكىنىغا ھاراق سالمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ئەخمەت مەمەت ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان. گىۋاتېمالادا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى. دوكتور نەبىجان تۇرسۇن سابىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئارمىيە بايرىمىنى خاتىرىلەپ ماقالە ئېلان قىلدى. ئارفىيە ئېلى مومىسى رەيھان قاسىمنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بايانات بەردى. ئۇيغۇر رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي تەكشۈرۈلگەن. سۇلايمان ئەزىز ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كەچۈرمىشلىرىنى مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىدى. خىتاينىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە يېڭىدىن ناھىيە تەسىس قىلىشى دىققەت قوزغىدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
379
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 3-ئاپرىل)
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى يوقىتىش قەدىمىنى يەنە بىر باسقۇچ ئىلگىرىلەتتى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەكبەر ئەسەتنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق ئىتالىيەدە «جاسارەت ئوبرازى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. كانادا پارلامېنت ئەزاسى مايكول ما ئۆزىنىڭ نامۇۋاپىق سۆزلىرى ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى. تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىما ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە ئامېرىكىدا دوكلات بەردى.مۇھەررىردىن ئەسكەرتمە: بۇ خەۋەرلەر يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن 2026-يىلى 5-ئاپرىلدا يېڭىلاندى. ئەسلى نۇسخىسىدىكى بەزى تەپسىلاتلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
378
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026 -يىل، 27 -مارت)
سابىق تۇتقۇن بەختىيار ئۆمەر لاگىردىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئائىلىسىدەجان ئۈزگەن. كانادا پارلامېنتىدا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋتى بىلەن ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. تەتقىقاتچى ئەزىز ئىسا ئەلكۈننىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرىسىتېتلىرىدىكى لېكسىيە زىيارىتى داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇر پوچتىسى خىتاينىڭ بەيدۇ شىركىتىگە چېتىشلىق بىر مەنبەدىن تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. خىتاي تەتقىقاتچى ئافغانىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشىنى رەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلار روزا ھېيت بىلەن نورۇز بايرىمىنى قوش خۇشاللىق ئىچىدە تەبرىكلىدى. تۈركىيە ۋە قازاقىستان باش ئەلچىلىرى بېيجىڭدا خىتاينىڭ «شىنجاڭ» سىياسىتىنى مەدىھىيەلىدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
377
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى( 2026-يىلى 20-مارت)
شەرقى تۈركىستاندىكى بىر قىسىم ئايرىدۇرۇملارنىڭ يېزىق تاختىلىرىدا ئۇيغۇرچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
376
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى ( 2026 -يىلى 13 -مارت)
1. روزا تۇتقانلىقى پاش بولغان روزىنىسا مەتروزى قاماقخانىدا جان ئۇزگەن2. گاگا شەەۆكمەت، چاغان پائالىيىتىدە چىققان ماجىرادا ئابدۇرەېنىغا قىلىنغان مۇئامىلىنى زوراۋانلىق دەپ ئەيىبلىدى3. خىتاينىڭ غوللۇق بىر تەشۋىقات سۇپىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن ئابدۇرەېنىنى ۋەتەن خائىنى دەپ ئېلاان قىلغان4. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ قارىلىشىغا ئۇچرىغان ياپون پارلامېنت ئەزاسى ئارفىيە ئابلەتنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلدى.5. تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 67-يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلرىمۇ قاتناشتى6. ئۇيغۇر تارىخىنى سىستېمىلىق ئوگىنىشنىڭ يېڭى بىر مۇ7. خىتاي سەنئەتكار قولىدا ئۈرۈمچىدە لاگىردىكىلەرنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋەققىدە ۋىدىئو بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
375
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى، ( 2026 -يىل، 6 -مارت)
غۇلجا بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ چېقلىش ئالدىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندىۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئۇسى مۇخبىرى شۆەۇر. بۈگۈنكى ئاڭلىتىشىمىزدىكى مۇۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:غۇلجا شەەيتۇللا مەسچىتى 1760-يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئاز كەم 300 يىللىق تارىخقا ئىگە. قۇرۇلغاندىن بېرى غۇلجا خەلقىنىڭەت تېەقنى تونۇشى، ئەخلاق-ئىنتىزام ۋە بىرلىك-ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ياشىشىغا مەشەل بولۇپ كەلگەن بۇ مەسچىت، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چىقىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالاقىدار خادىملار بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە چېەققىدە قوللىرىدا ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى دەلىللدى.بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇن جان ئالاۋۇدۇن بۇەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق زوراۋانلىقى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەقسىتىدىكى مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقى دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى، جۈملىدىن ئىسلام دۇنياسىنى بۇ خىل بۇزغۇنچىلىقلارغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى.2خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل شەرقىي تۈەققىدەېچقانداق ئۇچۇر ۋە ئۇقتۇرۇش تارقاتمىدى. بىز خىتاينىڭە دەرىجىلىكىدىن دۆلەت دەرىجىلىكىگىچە ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ باققان بولساقمۇ، رامىزان بەەققىدەېچنېمە دېيەلمىدى.ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ رامىزان تېمىسىدىكى جىمجىتلىقىنىڭ، جىم تۇرۇۋېلىشىنىڭ رېئال سەۋەەققىدە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ كۆزىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل خەلقئارا جەمئىيەت پىكىرىنىڭ بېسىمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن رامىزان چەكلىمىسىنى يازمىچە ئەمەس، ئېغىزاكى يەتكۈزگەن.3شەرقىي تۈركىستاندا تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان يازغۇچى يالقۇن روزى 2026-يىللىق «گراسيېلا فېرناندېز مېجىدېۇقنى قوغداش مۇكاپاتىغا ئېەتلەر ئاستىدا ۋەەۋپ ئىچىدە تۇرۇپمۇەقىقەتنى يېزىش ۋە سۆزلەشتىن ۋاز كەچمىگەن شەخس ۋە كوللېكتىپلەرنى رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بۇ مۇكاپاتقا بۇ يىل لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ بەش كىشى ئېرىشكەن بولۇپ، بۇلاردىن بىرى يالقۇن روزىدۇر.4بۈگۈن پروگراممىمىزنىڭ داۋامىدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەەرلىرىنىڭ ب د ت نىڭ 61-نۆۋەۇق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقانلىقى، ئاكتىپ پائالىيەتچى سېيىت تۇمتۈركنىڭ تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەۇستافا دەستىچىنىڭ تەكلىپى بىلەن گىرىتسىيەنىڭ غەربىي تراكىيە ۋىلايىتىنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە ئۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغانلىقى،شۇنداقلا ئۇيغۇەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ نۆۋەتتە لاتىن ئامېرىكا دۆلىتى پانامادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى قاتارلىق تېمىلاردا ئاڭلىتىش بېرىمىز. پروگراممىمىزنىڭ تولۇق قىسمىنى تور بېتىمىز ۋە رادىئو دولقۇنلىرىمىزدىن ئاڭلىغايسىلەر. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
374
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىلى 27-فېۋرال)
لوپ ناھىيە بازىرىدا 6 كىشى يوشۇرۇنچە روزا تۇتقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان. دائىرلەر قەشقەر ۋە ئاقسۇدا ئاھالىلەرنى روزا تۇتقۇزماسلىق ئۈچۈن، ھاشارغا سالغان. مەھبۇس گۈلشەن ئابباسنىڭ قىزى زىبا مۇرات پرېزىدېنت دونالد ترمپنىڭ يىللىق دۆلەت نۇتقى يىغىنىغا مېھمان سۈپىتىدە قاتناشتى. ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ياش پائالىيەتچى ئايدىن ئەنۋەر «مۇسۇلمانلار ئىشلىرى» تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئېسىگە سالدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى گېرمانىيەدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرغان. ۋاشىنگتون ۋە ئىستانبۇلدا خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
373
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى( 2026 -يىلى 20 -فېۋرال)
قەشقەردە دائىرىلەر ئاھالىلەرنىڭ چاغان پائالىيەتلىرىدىكى كۈلۈمسىرىشىگە نومۇر قويغان. ئابدۇرىھىم غېنىنىڭ چاغان تەرتىپ ساقلىغۇچىلىرى بىلەن ماجىراسى گوللاندىيە ئاخباراتىدا غۇلغۇلا قوزغىدى. دۇنيا دېموكراتىيە ۋە تىنچلىق مۇنبىرى يىغىنىغا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرمۇ قاتناشتى. پروفېسسور ئابدۇرىشىت جېلىل قارلۇق بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرغان. شائىرە راھىلە كامال دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئاۋسترالىيەدە تەڭرىتاغ ئاياللار بىرلەشمىسى K-Mart نى سوتقا تارتتى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
372
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى( 2026-يىلى 13-فېۋرال)
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، مەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇر .ىنكاس قىلىنىشىچە، لاگىرلار قۇرۇلۇپ 8 يىلدىن كېيىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يېڭى ئىجتىمائىي مەسىلە — بىر تۈركۈم بالىلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىشى ۋە ئۆسمۈر يېشىدا جىسمانىي ئەمگەككە تۇتۇلۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.ئۈرۈمچىدىن تېلىپونىمىزنى- - قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى مەھبۇس پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشتىن قېلىش ئەھۋالىنىڭ راستىنلا مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بىر قىسىم مەھبۇس پەرزەنتلىرى 18 ياشقا بارماي تۇرۇپلا ئوقۇشتىن توختىغان . مۈلۇم بولۇشىچە ، مەزكۇر بالىلارنىڭ مەكتەپتىن توختىتىشىغا ئاتا-ئانىسىنىڭ جازالىنىشى سەۋەبلىك، ئىستىقبالىدىن ئۈمىدسىزلىنىشى، يەنى ئوقۇش پۈتتۈرسىمۇ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە شىركەتلەردە ئىش تاپالىشىغا كۆزى يەتمەسلىكىنىڭ سەۋەب بولغان.مەزكۇر خادىمنىڭ يەنە رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، بۇلارنىڭ مەكتەپتىن توختىشىغا ، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقمۇ رول ئوينىغان. . يەنى بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى تەڭلا لاگىرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇلار بوۋا-مومىسىنىڭ بېقىشىغا قالدۇرۇلغان. بوۋا-مومىسى ياشىنىپ قالغان بولغاچقا، ئائىلىنىڭ كىرىم مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالغان. بۇ چاغدا بالىلار مەكتەپتىن توختاپ، قۇرۇلۇشچىلىق قاتارلىق جىسمانىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ئائىلە قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلغان.مەزكۇر ساقچىنىڭ دەلىللەشچە، ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان 3 ئاھالىلەر كومىتېتىدىن، ھازىرغا قەدەر 100گە يېقىن مەھبۇس پەرزەنتى ئوقۇشتىن توختىغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 2-3 نەپىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى تۈرمىدە جان ئۈزگەن؛ كۆپىنچىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى 15 يىلدىن يۇقىرى، ئاز بىر قىسمى 5-10 يىلدىن كېسىلگەن. مۈلۇم بولۇشىچە دائىرىلار مەزكۇر بالىلارنىڭ ئستىقبالىدىن ئەندىشە قىلمىغان، ئۇلارنىڭ پەقەت بىكارچىلىقتىن ئىش چىقىرىپ قويۇشىدىن ئەدىشە قىلغان. شۇڭا مەزكۇر ساقچىنى بۇ بۇ بالىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. بىز بگۈنكى پروگرامىمىزدا يەنە ئۇيغۇر پەرزەنتى ئارفىيە ئابلەتنىڭ ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىقىغا قايتىدىن سايلانغانلىقى، روشەن ئابباس خانىمنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلغانلىقى ھەققىدە قىسقا خەۋەر بېرىمىز، ئاخىرىدا ئەزىز ئىسا نىڭ " قاماقتىكى روھ" ناملىق كىتاۋىدىن شىئىر دىكلىماتسىيەسى ئاڭلايسىلەر. ئاڭلىتىشىمىزنىڭ تولۇق قىسمىنى تور بېتىمىز ۋا رادىيو دولقۇنلىرىمىزدىن ئاڭلىغايسىلەر. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
371
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026 -يىل 6-فېۋرال)
مىركامىل تۇرغۇن: خىتاينى ئەنسىرەتكەن مۇزىكىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلۇقنىڭ كۈچى. مۇزىكانت، رەقەملىك رېژىسسور مىركامىل تۇرغۇن بىلەن سۆھبەت Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
370
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026 - يىل 30-يانۋار)
يازغۇچى ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى كالىفورنىيادا پائالىيەت ئېلىپ باردى، لاگىرلارنى پاش قىلغان پائالىيەتچى گۇەن خېڭ ئامېرىدا پاناھلىققا ئېرىشتى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
369
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (18-مارت) | ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتا
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتائامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ھەرىكىتى تايلاندنىڭ قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشىنى توختىتىپ قالالامدۇ؟مۇتەخەسسىسلەر: «ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بازىسى لوپنۇردىكى يادرو سىناق بازىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ»مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (57) : بۇرھان شەھىدىنىڭ خىتاي مەركەزلىك تارىخ سەپسەتەسىگە رەددىيە Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
368
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (17-مارت) | ئاقسۇدا روزىدارلارنىڭ روزىسىنى بۇزۇش ياكى روزا تۇتۇشقا ئىمكان قويماسلىق ئۈچۈن ئاھالىلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ئاقسۇدا روزىدارلارنىڭ روزىسىنى بۇزۇش ياكى روزا تۇتۇشقا ئىمكان قويماسلىق ئۈچۈن ئاھالىلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانخىتاي ئىقتىسادى پارتلاش ئالدىدىكى «كۆپۈك» مۇ؟تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ب د ت دا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشلىرىنى ئەرەب تىلىدا ئوتتۇرىغا قويدىھېنرىك شاجىۋىسكى: «ئۇيغۇرلار ئۆز كىملىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن نۇسخىسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا»تۈركىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىككى ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇش قارارى ھەققىدە ئىنكاسلار بىلدۈرۈلدىئاساسىي قاتلامنى «ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش» سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى مەۋھۇم قەپەسكە قاماشتىن باشقا نەرسە ئەمەس Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
367
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (14-مارت) | تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ۋە سىياسەتتىكى ئويۇنلار
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ۋە سىياسەتتىكى ئويۇنلارتىل مەھكۇملۇقى ۋە خىتايلاشتۇرۇلۇۋاتقان ئەۋلادلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن ئايرىۋېتىلىشىمۇتەخەسسىسلەر: بېيجىڭدىكى «ئىككى يىغىن» غا قاتناشقان «ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى» خەلققە ۋەكىللىك قىلالمايدۇگېرمانىيەدە خىتايدىن تارالغان كورونا ۋىرۇسى توغرىسىدا يېڭىدىن بەس-مۇنازىرىلەر كۈچەيمەكتە«دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىچكى ئەزالار» ۋە ئۇيغۇر «ئەزا تەقدىم قىلغۇچى» لارتۈركىيە سوتى تۇنجى قېتىم، ئەركىن ئابدۇۋەلى ئىسىملىك ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارىنى ئېلان قىلدى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
366
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (13-مارت) | مىسسۇرى ئىشتاتى كوۋىد يۇقۇمىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان خىتاينىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: مىسسۇرى ئىشتاتى كوۋىد يۇقۇمىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان خىتاينىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدىياۋروپا پارلامېنتى تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغانلىقىغا قارشى قارار لايىھەسى ماقۇللىدىدۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى كېڭىشى ئۆتكۈزمەكچىمەمەت ئېزىز سادىق تۈركىيە سوتىدا خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 12 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانياۋروپادا ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ دەسلەپكى دەۋرى قانداق شەكىللەنگەن؟شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپىدىن مۇساپىرلىققىچە: ئىنقىلاب ۋە شەخسلەر(2) Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
365
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (12-مارت) | قەشقەر پەيزىۋاتتا ئاھالىلەر روزا تۇتمايۋاتقانلىقى ھەققىدە مەسئۇل كادىرلارغا ئىسپات يوللاشقا مەجبۇرلانغان
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: قەشقەر پەيزىۋاتتا ئاھالىلەر روزا تۇتمايۋاتقانلىقى ھەققىدە مەسئۇل كادىرلارغا ئىسپات يوللاشقا مەجبۇرلانغانئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى DHS نىڭ خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدىما شىڭرۇي: «ئامېرىكانىڭ شىنجاڭغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسى 144 دىن ئارتۇق كارخانىغا تەسىر قىلدى»«مەدەنىيەت ئىگىدارچىلىقى» ھوقۇقىنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى يۈزىفىرانسىيە مەتبۇئاتلىرى: خىتاينىڭ دىلنۇر رەيھان ئۈستىدىن ئەرز قىلىشى ئەدلىيە جەھەتتىن پاراكەندىچىلىك سېلىشتۇر Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
364
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (11-مارت) | خىتاينىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ۋە «بۈيۈك شاھمات ئىستراتېگىيەسى»
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: خىتاينىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ۋە «بۈيۈك شاھمات ئىستراتېگىيەسى»ئۇيغۇر ئېلىدىن ئەنگلىيەگە قاتنايدىغان يۈك توشۇش لىنىيەلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغانمۇ؟دىلنۇر رەيھان ۋە گۈلباھار جېلىلوۋا پارىژ سوتىغا «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» قىلمىشى ئۈستىدىن قايتا ئەرز قىلدى«تەكلىماكان گىرۋىكىنى قاشالاش» كەينىدە…ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 41-نۆۋەتلىك «كىتاب ۋە مەدەنىيەت يەرمەنكىسى» دىن ئۇيغۇرچە كىتابلارمۇ ئورۇن ئالدى«ئاياللار بايرىمى» كۈنى توكيو شەھەر مەركىزىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
363
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (10-مارت) | خىتاي نېمە ئۈچۈن بەشبالىق قەدىمكى شەھەر خارابىلىكنى «بېيتىڭ» نامىدا قوللىنىدۇ؟
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: خىتاي نېمە ئۈچۈن بەشبالىق قەدىمكى شەھەر خارابىلىكنى «بېيتىڭ» نامىدا قوللىنىدۇ؟د ئۇ ق ئاياللار كومىتېتى 8-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رولى ھەققىدە تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدىبىڭتۈەن ئاياللىرىنى تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغۇتتىن چەكلەشئەخمەت داۋۇتوغلۇ تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدىبىشكەكتە 1944-1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ ئاخىرقى جەڭچىسى ئابلىمىت بەكرى ۋاپات بولدى8-مارت ئاياللار بايرىمىدا ئىستانبۇلدا «ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئاياللارنىڭ ساداسى» ئاڭلىتىلدى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
362
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (7-مارت) | خىتاي، ئامېرىكا بىلەن ھەر قانداق جەڭگە كىرىشكە ھازىر ئىكەنلىكى ھەققىدە قۇرۇق ھەيۋە كۆرسەتكەن
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: خىتاي، ئامېرىكا بىلەن ھەر قانداق جەڭگە كىرىشكە ھازىر ئىكەنلىكى ھەققىدە قۇرۇق ھەيۋە كۆرسەتكەنلاگېر شاھىتلىرى: «ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ نىشانى قىلىنماقتا»ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 58-قېتىملىق يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانما شىڭرۇينىڭ چاقىرىقى ۋە راست-يالغانلار ئارىسىدىكى سېلىشتۇرماخوتەن قاشتېشى خورىماس خەزىنىمۇ؟ (2) Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
361
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (6-مارت) | تايلاند ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماقچى بولغانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ «ئۆچ ئېلىشى» دىن قورققانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: تايلاند ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماقچى بولغانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ «ئۆچ ئېلىشى» دىن قورققانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى«خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش» تەشكىلاتى: خىتاينىڭ خالىغانچە تۇتقۇن ھەرىكىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنكلارىس دىئاز: «خىتاينىڭ قازاقىستاندا ئادەمسىز ئۇچقۇ زاۋۇتى قۇرۇشى خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە»خوتەن قاشتېشى خورىماس خەزىنىمۇ؟پارلامېنت ئەزاسى بۇغرا قاۋۇنجۇ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇر توغرىسىدا سوئال قويدى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
360
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (5-مارت) | ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانئاقسۇدا ئىككى نەپەر ياش ھىجرەت پىلانىدىن ۋاز كەچكەن تۇرۇقلۇق 9 يىللىقتىن كېسىلگەنئىسلام دۆلەتلىرى خىتايغا قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇر ئۈچۈن نېمىشقا گەپ قىلمايدۇ؟ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى ئىپتارلىق زىياپەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان«لاگېرلار» : زور كۆلەملىك قاماقنىڭ دۇنياۋى تارىخىخىتاي مىللىي قەھرىمانلىرى: ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە مەجبۇرىي تېڭىلغان «ئۈلگە» Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
359
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (4-مارت) | تايلاند كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇرلار سەۋەبىدىن تايلاندنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: تايلاند كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇرلار سەۋەبىدىن تايلاندنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدىقازاقىستان پۇقراسى جانات جېڭىز يۇرتى ئالتايغا زىيارەتكە بارغاندا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ناكا قىلىنغانسەرپىل پەنەس شاھىن خانىم: «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قانۇنىي كۈرەشنى داۋام قىلىمەن»خىتاينىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىسەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدىمۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (56): «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ قوليازمىسى ۋەتەنگە قانداق ئېلىپ كىرىلگەن؟ Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
358
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (3-مارت) | ماركو رېسپىنتى: «خىتاي ئۆزىنىڭ قەبىھ كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى»
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ماركو رېسپىنتى: «خىتاي ئۆزىنىڭ قەبىھ كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى»«شاڭخەي ئامېرىكا جەمئىيىتى» خەلقئارادىن تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغانتايلاند نېمە ئۈچۈن خەلقئارانىڭ بېسىمىغا قارىماي 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى؟ئۇيغۇرلار: ئېغىر زۇلۇم، ئاچچىق رېئاللىق ئالدىدىكى كۈرەش ۋە ئۈمىدلەرپارلامېنت ئەزاسى بۇغرا قاۋۇنجۇ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 40 نەپەر ئۇيغۇر توغرىسىدا سوئال قويدىئەنگىلىيەدىكى بورنېمۇت ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى چۈشىنىش ۋە دۇنيانىڭ پوزىتسىيەسى» ناملىق لېكسىيە بېرىلگەن Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
357
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (28-فېۋرال) | يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى دوكلاتى: «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتىدۇ»
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى دوكلاتى: «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتىدۇ»ئۇيغۇر ئەتلەس كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرلۇشى قانداق يۈزلىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ؟ئادرىيان زېنزنىڭ يېڭى دوكلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ تۇتقۇننىڭ يولى قانداق ئېچىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغانتايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەتبۇئاتلاردىكى ئىنكاسلارئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بەدىلىگە كەلگەن «تەرەققىيات» Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
356
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (27-فېۋرال) | ماركۇ رۇبىيو تايلاندنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ماركۇ رۇبىيو تايلاندنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىدىئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار تايلاندنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە غەزەپلىنىپ نامايىش ئۆتكۈزدى«دۇنيادىكى ئەركىنلىك 2025» : ھەقلەر ھامىيلىقىدىكى جاپالىق كۈرەشلەر«قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى خىتايدا غايىب بولغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە قوللانما تەقدىم قىلغانتەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى فرانچىئوىس ۋۇ د ئۇ ق ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشكەنشەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپىدىن مۇساپىرلىققا(1) Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
355
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (26-فېۋرال) | تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 24 سائەت ئىچىدە خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار قايتا ئەندىشە قوزغىماقتا
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 24 سائەت ئىچىدە خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار قايتا ئەندىشە قوزغىماقتائۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى: خىتاينىڭ تارىم نېفىتلىكىدە 10 مىڭ 910 مېتىرلىق قۇدۇق كولىشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سېلىشتۇرئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي سىياسىتى: مەسىلە ۋە لايىھەلەرئابدۇۋەلى ئايۇپ UNESCO يىغىنىدا سۆزلەشكە رۇخسەت قىلىنمىغان«غەربىي دىيار پىدائىيلىرى» مۇ ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىكى سىياسىي قورالىد ئۇ ق تەيۋەندىكى يىغىندا خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنولوگىيەگە تايانغان باستۇرۇش سىياسىتىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
354
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (25-فېۋرال) | پىرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ھالقىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ھالقىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەند ئۇ ق تەيۋەندە چاقىرىلغان خەلقئارا يىغىندا خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدىئەنقەرەدە «مەجبۇرىي ئەمگەك» ۋە «شەرقىي تۈركىستان بالىلار ئەمگىكى» ناملىق ئىككى دوكلات تونۇشتۇرۇلدى«تەرجىمە قىلىش» مۇ ياكى «سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈش» مۇ؟ئۇيغۇرلار شىۋېتسارىيەدە ئانا تىلى بايرىمىنى تەبرىكلىدىقۇتۇلغان ئىدرىس ۋە خەتەردىن قۇتۇلۇش يولى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
353
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (24-فېۋرال) | ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئاز دېگەندە %20 نىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئاز دېگەندە %20 نىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندىخىتاي كونا مەھەللىلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش پىلانى بويىچە ئۈرۈمچىدە 56 جايدا ئىش باشلىماقچىقازاقىستاننىڭ چېلەك يېزىسىدىكى مۇراسىمدا مىللەتلەر ئارا دوستلۇق قايتا تەكىتلەندىئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان يۈرۈشى ۋە نامايىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدىخىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسى-قاھىرەدىكى يەنە بىر يالغانچىلىق تەشۋىقاتىئانا تىل پىداكارلىرى 4-نۆۋەتلىك «مېھرىئاي ئەركىن ئانا تىل مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
352
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (21-فېۋرال) | مەرھۇم غۇلامىدىن پاختا: «ۋەتىنىنى تونۇغان ئاللاھنى تونۇغان بىلەن ئوخشاشتۇر»
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: مەرھۇم غۇلامىدىن پاختا: «ۋەتىنىنى تونۇغان ئاللاھنى تونۇغان بىلەن ئوخشاشتۇر»دۇنيا ئانا تىل كۈنى ۋە يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىتەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانكىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردىشەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىدە يېڭى ئۇسۇلدا تەييارلانغان «تۇرانيۇم» نامدىكى كۆك چاي كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
351
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (20-فېۋرال) | ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتى ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتى ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدىشائىرە ۋە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى مېھرىنىسا ئىسمائىلنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى قەلەمكەش دوستلىرىنى قايغۇغا سالدىئانالىزچىلار: «ئامېرىكىنىڭ يېڭى قارارى تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىدۇ»خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئارقىلىق قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرىنى «ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قايتا سىزىپ چىقىش» قۇرۇلۇشىغا قانداق غەرەزلەر يوشۇرۇنغان؟د ئۇ ق ھەيئىتى بىلەن ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
350
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (19-فېۋرال) | تارىخچى ۋە يەر ناملىرى تەتقىقاتچىسى خوجانىياز يوللۇغ تېكىننىڭ 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: تارىخچى ۋە يەر ناملىرى تەتقىقاتچىسى خوجانىياز يوللۇغ تېكىننىڭ 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندىخىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 258 كونا مەھەللىنى چېقىپ ئۆزگەرتىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتاشىۋېتسارىيە ئېلان قىلغان خىتاينىڭ «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى» غا مۇناسىۋەتلىك دوكلات د ئۇ ق تەرىپىدىن قارشى ئېلىندىئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلاردا خىتايچە خەتلەرنىڭ كۆرۈلۈشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟«مەھمەت رىزا بېكىن ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
349
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (18-فېۋرال) | تايلاند سوتى ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنىڭ ھەقلىق تەرىپى بارلىقى، كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: تايلاند سوتى ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنىڭ ھەقلىق تەرىپى بارلىقى، كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلدىئاسارەتتىن قۇتۇلۇپ ماراكەشتىن ئامېرىكاغا كەلگەن ئىدرىس ھەسەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردىجەنۋە «كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مۇنبىرى» دە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدىخىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى «مائارىپتا كۈچلۈك رايون قىلىپ قۇرۇش پىلانى» ئۇيغۇر مەدەنىي-مائارىپىنى يوقىتىشىتۇرمۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (55): تەمىرات نازىرى ۋە مۇئاۋىن رەئىس بولغان يىللاردا Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
348
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (14-فېۋرال) | تايلاند سوتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قويۇپ بېرىش ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشقا باشلىدى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: تايلاند سوتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قويۇپ بېرىش ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشقا باشلىدىتاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو: «ئامېرىكا خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتنى قەتئىي ھەل قىلىشى كېرەك»ئامېرىكا ياۋروپادىكى ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، دىققەتنى خىتايغا قاراتماقچى بولغانDeepSeek نى چەكلەش بويىچە قانۇن لايىھەسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
347
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (13-فېۋرال) | تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرا بويىدىكى شەھەر-ناھىيەلىرىدە نوپۇسنىڭ ئازىيىشىغا قارىتا ئوخشىمىغان ئىنكاسلاردا بولدى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرا بويىدىكى شەھەر-ناھىيەلىرىدە نوپۇسنىڭ ئازىيىشىغا قارىتا ئوخشىمىغان ئىنكاسلاردا بولدىلاگېر شاھىتلىرى: «ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن تويلاشتۇرۇش ئېلانلىرىنىڭ كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى مەۋجۇت»د ئۇ ق ھەيئىتى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىنى ئاڭلاتقان«بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنى قوشۇۋېتىش» نىڭ ئىچ يۈزىميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل سۆيگۈسى» پائالىيىتىدە ئۇيغۇر تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
346
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (12-فېۋرال) | ئۇچتۇرپان ئىماملىرىم دېھقانلىرى ياڭاق كۆچىتىنى ھەقسىز تىكىشكە ۋە ياڭاقلىق باغلاردا ھەقسىز ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ئۇچتۇرپان ئىماملىرىم دېھقانلىرى ياڭاق كۆچىتىنى ھەقسىز تىكىشكە ۋە ياڭاقلىق باغلاردا ھەقسىز ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا «پارتىيەلەر ئارا ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» رەسمىي قۇرۇلدىئامېرىكا خىتاي سودا ئۇرۇشىدا زادى كىم غەلىبە قىلىدۇ؟ئامېرىكانىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقىشى خىتايغا پۇرسەت يارىتىپ بېرەمدۇ؟ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە خەلق ئارتىسى نۇربۈۋى مەمەتوۋا ئالمۇتادا ئالەمدىن ئۆتتىيەنەر يىلماز: «تۈركىيەدە جامائەت پىكرى توپلاپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا تىرىشىمىز» Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
345
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (11-فېۋرال) | ئۇيغۇر ئالىمى بەكرىمجان غلاۋدىنوف پۈتۈن قازاقىستان مېمارچىلىق ئىلمىنىڭ تۇنجى دوكتورى ئىدى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ما شىڭرۈينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «ئايرىملىق» نى ئەمەس، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» نى تەكىتلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن» ناملىق شېئىرىيەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى«شىنخۇا تورى» نىڭ «شىنجاڭ: غەربىي دىياردا قەد كۆتۈرگەن ئاشلىق ئامبىرى» ناملىق ماقالىسىگە رەددىيەئۇيغۇر ئالىمى بەكرىمجان غلاۋدىنوف پۈتۈن قازاقىستان مېمارچىلىق ئىلمىنىڭ تۇنجى دوكتورى ئىدىياپونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى فۇكۇكا شەھىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
344
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (10-فېۋرال) | فىرانسىيەنىڭ داڭلىق تەنتەربىيە بۇيۇملىرى شىركىتى - «دېكاتلون» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىش بىلەن ئەيىبلەندى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: فىرانسىيەنىڭ داڭلىق تەنتەربىيە بۇيۇملىرى شىركىتى - «دېكاتلون» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىش بىلەن ئەيىبلەندىلوندوندا خىتاينىڭ زور كۆلەملىك ئەلچىخانا سېلىش پىلانىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدىمۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان خىتايلار بىلەن توي قىلىش ئەنئەنىسى بارلىقىنى رەت قىلدىخىتاينىڭ «يېڭىچە تەشۋىقات ئۇسلۇبى» ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرالامدۇ؟بىريۇسسېلدا 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
343
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (7-فېۋرال) | ئۇچتۇرپاندىكى شوخلا زاۋۇتىنىڭ ئامېرىكا قارا تىزىملىكىدىكى خىتاينىڭ COFCO-Sugar شىركىتىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ئۇچتۇرپاندىكى شوخلا زاۋۇتىنىڭ ئامېرىكا قارا تىزىملىكىدىكى خىتاينىڭ COFCO-Sugar شىركىتىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتىخىتاينىڭ «شېيىن» گۇرۇھىنىڭ پاي چېكىنى لوندوندا بازارغا سېلىشنى تەلەپ قىلىشى كۈچلۈك ئاممىۋى قارشىلىققا دۇچ كەلمەكتەتۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى: «غۇلجا قەتلىئامى بۈگۈنكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ باشلىنىشىدۇر»خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرى خىتاينىڭ قانۇن ئورگانلىرى بىلەن بىۋاسىتە باغلانغان ئىكەن«شىنجاڭ سىنىپى» نىڭ مەغلۇبىيىتىدىن خىتاي مائارىپىنىڭ ئاقىۋىتىگە نەزەر Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
342
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (6-فېۋرال) | ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى پەۋقۇلئاددە كومىتېتى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى پەۋقۇلئاددە كومىتېتى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» دىن مىراس قالغان چاقىرىق: مىللىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پىداكارلىق كېرەك«سائادەت» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەھمۇد ئارىقان: «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىش ئىنسانلىققا خىيانەتتۇر»«ئۈچ خىل كۈچ» نامىغا يوشۇرۇلغان مۇستەملىكىچىلىكئەنگلىيە پارلامېنتىدا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» تونۇشتۇرۇلغان، شۇ كۈنى لوندوندا نامايىش ئېلىپ بېرىلغان Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
341
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (5-فېۋرال) | ۋاشىنگتوندا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 28-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ۋاشىنگتوندا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 28-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدىپارلامېنت ئەزاسى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى كانادا ھۆكۈمىتىنى تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردىغۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 28-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدىخىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىشلىق ھەرىكەت پىلانى» مۇ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى نىشان قىلغانگوردون چاڭ: «شى جىنپىڭ خىتاينىڭ مەسىلىلىرىنى ئۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ»«مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى» تەشۋىقاتىدىكى يېڭى قورال- «DeepSeek» Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
340
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (4-فېۋرال) | HRW: «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ چەكلىك زىيارىتىگە يول قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ نورماللاشقانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ»
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: HRW: «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ چەكلىك زىيارىتىگە يول قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ نورماللاشقانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ»خىتاي، ئۇچتۇرپاندا دېھقانلارغا مەجبۇرىي پەمىدۇر تېرىتقان ۋە مەھسۇلاتىنى سىرتقا سېتىشنى چەكلىگەنئالمۇتادا 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى خاتىرىلەندىدولقۇن ئەيسا: «مەڭگۈ قايتا تەكرارلانمايدۇ دېگەن ۋەدە بىزنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولۇشتىن ساقلاپ قالالمىدى»خىتاينىڭ ئامېرىكا شەھەرلىرىدە قۇرغان يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرى ئاشكارىلاندىياپونىيەدە «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەپ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
339
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (3-فېۋرال) | ھىندىستان-خىتاي سۇ بايلىقى توقۇنۇشى: براھماپۇترادىكى توسمىلار
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ھىندىستان-خىتاي سۇ بايلىقى توقۇنۇشى: براھماپۇترادىكى توسمىلارچاغان سەھنىسىدىكى روبوت ئۇسۇلىنىڭ «شىنجاڭ پۇرىقى قويۇق» سۆزىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟سىتوكھولمدا غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 28-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىشى ئۆتكۈزۈلدىياپونىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەلەپ مەكتۇپى سۇنغانتونۇلغان بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ئاۋۇت مەسىموف مۇكاپاتقا ئېرىشتىئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى يىغىندا خىتاينىڭ «يامان غەرەزلىك تەسىرى» نىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلدى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
338
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (31-يانۋار) | تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىدە كىشىلىك ھوقۇققا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىدە كىشىلىك ھوقۇققا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىلىرى تۈگرە (جۇۋاۋا) نىڭ خىتايدىن ئۇيغۇرلارغا تارقالغانلىقىنى كەسكىن رەت قىلدىچاغان بايرىمى _ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايغا «غەنىيمەت»، ئۇيغۇرلارغا «غەپلەت» مۇ؟ب د ت خوڭكوڭدىكى مائارىپ ھوقۇقىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ھوقۇقىنى تىلغا ئالمىغانپارلامېنت ئەزاسى ئەرتۇغرۇل قايا: «تۈركىيەنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا تىرىشىمىز» Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
337
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (30-يانۋار) | خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل مۇنبىرى «DeepSeek» كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل مۇنبىرى «DeepSeek» كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتاياپونىيەدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدىخىتاي ئۇيغۇر تويلىرى «نورمال ئىش» بولسا تەشۋىقاتنىڭ نېمە كېرىكى؟ئۇيغۇر ياشلىرى ئىستانبۇلدا خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى توغرىسىدا لېكسىيە ئاڭلىدىتاغ-كان ئىنژېنېرىنىڭ تۆھپىسى_ئۇيغۇر تارىخ ۋە مەدەنىيەت قامۇسى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
336
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (29-يانۋار) | خۇدسۇن ئىنستىتۇتىدا ترامپ ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي سىياسىي پاناھلانغۇچىلىرىغا بولغان تەسىرى مۇزاكىرە قىلىندى
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: خۇدسۇن ئىنستىتۇتىدا ترامپ ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي سىياسىي پاناھلانغۇچىلىرىغا بولغان تەسىرى مۇزاكىرە قىلىندىمۇتەخەسسىسلەر: ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن ۋاز كېچىشى داۋام قىلىدۇچاغان بايرىمى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى خاراب قىلىشتىكى بىر ۋاسىتىسى بولماقتانېمە ئۈچۈن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار برۇكېللوز يۇقۇملۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟ئالمۇتادا داڭلىق سەنئەتكار زىننەتگۈل ئەكبەروۋا خاتىرىلەندى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
335
كۈندىلىك ئاڭلىتىش (28-يانۋار) | ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ كۆرۈنمەس تەسۋىرلىرى: يەر ناملىرىغا يانداشقان ئۆزگەرتىشلەر
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر: ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ كۆرۈنمەس تەسۋىرلىرى: يەر ناملىرىغا يانداشقان ئۆزگەرتىشلەرخىتاينىڭ 2024-يىللىق ئىقتىساد ئۇچۇرىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر قانداق يالغانچىلىقلار بار؟25 ياشلىق ئابدۇقادىر ئابدۇراھمان ھىجرەت سەپىرى ئۈستىدە تۇتۇلۇپ 19 يىللىق كېسىۋېتىلگەنخىتايلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا نېمە سەۋەب بولدى؟«تۈرك دۇنياسىدا سۈرگۈن ۋە كۆچۈش» ناملىق چاتما فىلىمدا ئۇيغۇر-قازاقلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈش تارىخى كۆرسىتىلدى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
No matches for "" in this podcast's transcripts.
No topics indexed yet for this podcast.
Loading reviews...
Loading similar podcasts...