تارىخ-بۈگۈن podcast artwork

PODCAST · history

تارىخ-بۈگۈن

ئۇيغۇر تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيەت Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  1. 39

    شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپىدىن مۇساپىرلىققىچە: ئىنقىلاب ۋە شەخسلەر(2)

    ئازتېكىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دادىسى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ۋە باھالىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ ئەلىخان تۆرىنى مىللىتى ئۆزبېك بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا، خەلققە سادىق، دىنى ئىمانى كۈچلۈك ۋە بىلىمى زور ھەم پىداكار، ئەخلاقلىق كىشى ئىدى، ئۇنىڭ تارىخ بىلىمىمۇ يۇقىرى بولۇپ، خەلقنى قوزغاش چاقىرىقى كۈچلۈك بولغان. ئۇ سوۋېتلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ خەلقنى ئاكتىپ قوزغىغان، لېكىن كېيىن سوۋېتلار ۋەدىسىدىن يېنىپ ئۇنى تاشكەنتكە ئېلىپ كېتىپ ئورۇنلاشتۇرغان دەپ قارىغان. ھەتتا 1975-يىلى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئەلىخان تۆرە بىلەن تاشكەنتتە كۆرۈشكەندە، ئەلىخان تۆرە يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندا ئىنقىلاب بولسا ئۆزىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانىكەن. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  2. 38

    شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپىدىن مۇساپىرلىققا(1)

    ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 1944-1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى. ئۇ، ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مەزكۇر ھاكىمىيەت رەھبەرلىرى قاتارىدىكى بىر شەخس ئىدى. لېكىن، 1949-يىلى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۇ ۋە ئۇنىڭ مىڭلىغان سەپداشلىرىنى مۇشەققەتلىك ۋە مۇساپىرلىق ھايات يوللىرىدا مېڭىشقا ئېلىپ كەلدى. ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ 1963-يىلىدىن كېيىنكى 42 يىللىق ھاياتى ئالمۇتا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرىنى ئالمۇتادىكى 78 ياشلىق ئوغلى، جامائەت ئەربابى ئازتېكىن ئىبراھىمى بايان قىلدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  3. 37

    تارىخ-بۈگۈن | تاغ-كان ئىنژېنېرىنىڭ تۆھپىسى_ئۇيغۇر تارىخ ۋە مەدەنىيەت قامۇسى

    ئۆزى تاغ-كان ئىنژېنېرلىقى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىس، پىروفېسسور بولسىمۇ، لېكىن ھاياتىنىڭ يەنە بىر زور قىسمىنى ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك مەلۇماتلارنى توپلاش، رەتلەشكە ئاتىغان ۋە بۇلارنى رۇس تىلىدا نەشر قىلىپ، باشقا خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئابدۇللاجان سامساقوف ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ئىجاد قىلماقتا. رۇس تىلىدا تارقىتىلغان 620 بەتلىك «ئۇيغۇرلار: ئېنسىكلوپېدىيەلىك مەلۇماتلار» ئۇنىڭ نوپۇزلۇق ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  4. 36

    تارىخ-بۈگۈن | «ئۇيغۇر ئالىملىرى قامۇسى» دىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئالىملىرى

    يېقىندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى زور بىر يېڭىلىق سۈپىتىدە قازاقىستاندىكى مىر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر ئالىملىرى قامۇسى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتاب نەشر قىلىندى. رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا ئارىلاش شەكىلدە تەييارلانغان مەزكۇر قامۇس مەخسۇس ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ قىسقىچە ئىلمىي ئىجادىي ھاياتىغا بېغىشلانغان. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  5. 35

    تارىخ-بۈگۈن | 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ نامى_شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى

    1944-يىلىدىكى جۇمھۇرىيەت نامىنى قانداق بېكىتىش تاسادىپىي ياكى تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەس، بەلكى بۇ مەسىلىدە ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئارىسىدا مۇزاكىرىلەر بولغان، بولۇپمۇ غۇلجىدىكى ئاشۇ قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان يادرولۇق تەشكىلات «ئازادلىق تەشكىلاتى» 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى بۇ جۇمھۇرىيەتنى ئېلان قىلىش ھارپىسىدا كۆپ قېتىم مۇزاكىرىلەر ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان.  Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  6. 34

    تارىخ-بۈگۈن | 1934-يىلى ئەيسا ئەپەندى ھەققىدە كرېملغا يوللانغان مەخپىي مەلۇمات

    سوۋېتلارنىڭ ئەيسا ئەپەندىنى خىتايدىكى سوۋېتلارغا قارشى ھەرىكەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى سۈپىتىدە دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈپ ستالىنغا مەخسۇس دوكلات شەكىلدە يەتكۈزۈلۈشى مەسئۇد سەبىرى ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا قارىغاندا بالدۇر باشلانغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەيسابەك ياكى ئەيسا يۈسۈپ دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئەربابنىڭ 1932-يىلى نەنجىڭگە كەلگەندىن كېيىنكى ئىش-ھەرىكەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەنجىڭدىكى مەخسۇس خادىملىرى تەرىپىدىن موسكۋاغا مەخپىي دوكلات قىلىنغان. ئەنە شۇنداق مەخپىي دوكلاتنىڭ بىرى 1934-يىلى 19-دېكابىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ، يەنى ستالىننىڭ نەنجىڭدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە دىپلوماتىيە ۋەكىلى, سوۋېت رازۋېدكا ئورگىنىغا تەۋە ئىۋان ئىۋانوۋىچ سپىلۋانېكنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى ب. س. ستوميانكوفقا يوللىغان خىتايدىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى دوكلاتىدۇر. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  7. 33

    تارىخ-بۈگۈن | نارىمان قۇربانوفتىن مەخمۇت ئۆمەروفقىچە: دۇنيا ئولىمپىك تارىخىدىكى ئۈچ ئۇيغۇر چېمپىيون

    نارىمان قۇربانوف بىلەن دۇنيا ئولىمپىك مۇسابىقىسى تارىخىغا ئۈچ ئۇيغۇر چېمپىيون ئۆز ئىسىملىرىنى يازدى، نارىمان قۇربانوف 1956-يىلىدىن ئېتىبارەن ئولىمپىكتە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن 3-ئۇيغۇر. رۇس تىلىدىكى «20-ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئالمۇتادا ياشايدىغان پىروفېسسور ئابدۇللاجان سامساقوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئولىمپىك تارىخىدا بىرىنچى قېتىم چېمپىيونلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇر مەخمۇت ئۆمەروفتۇر. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  8. 32

    تارىخ-بۈگۈن | پەرغانە ۋادىسىغا سىڭىپ كەتكەن 300 مىڭ قەشقەرلىق-ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى تەتقىقاتى

    «مېنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىلمىي پائالىيەتلىرىمنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىغا بېغىشلىشىمغا سەۋەب بولغان دەسلەپكى ئىلھام بۇلىقى مېنىڭ ئەسلى 150 يىللار ئىلگىرىكى قەشقەرلىقلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇشۇمدۇر» دەيدۇ ئۆزبېكىستان ۋە خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش تارىخشۇناس بەھرامجان قەينەزەروف ئەپەندى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  9. 31

    تارىخ-بۈگۈن | ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەلگەن خەلقمۇ؟

    ئۇيغۇرلار 1949-يىلىغىچە پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى ئاھالىسىنىڭ %80 كە يېقىن قىسمىنى، خىتايلار ئاران %5 نى تەشكىل قىلغان، ئۇيغۇرلار جەنۇبىي ۋىلايەتلەردە بولسا 90 نەچچە پىرسەنت، خىتايلار بولسا ئىنتايىن ئاز ساندا ئىدى. مانا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى چەكلەش دەرىجىسىگىچە يەتكەندىن باشقا «شىنجاڭدا 56 مىللەت بار، ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى» ھەمدە «جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەن تەرغىباتنى كۈچەيتىپ سىڭدۈرمەكتە. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  10. 30

    تارىخ-بۈگۈن | ئەخمەتجان قاسىمى تاشكەنتكە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن 30 ئەزىمەتنىڭ قىسمىتى (2)

    1955-يىلى 10-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەزكۇر ياش زىيالىيلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېلىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ۋەتىنىگە قايتىپ ھەر ساھەنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇش ئارزۇسىدا بولدى. بۇ ۋاقىتتا ھەم سوۋېت-خىتاي ھەمكارلىقى كۈچىيىپ، سوۋېت رەھبىرى نىكىتا خرۇشوف زور ساندىكى مۇتەخەسسىسلەرنى، ئالىملارنى خىتايغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىشنى باشلىغانىدى. ئەنە شۇ قاتاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بۇ ياشلارنىڭمۇ ۋەتىنىگە قايتىپ خىزمەت قىلىشىنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ 30 غا يېقىن زىيالىينىڭ مۇتلەق كۆپى ۋەتىنىگە ئاتلاندى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  11. 29

    تارىخ-بۈگۈن | ئەخمەتجان قاسىمى تاشكەنتكە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن 30 ئەزىمەت (1)

    20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن بەتلىرىنىڭ بىرى 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بۇ زىيالىيلارنىڭ كېيىنكى قىسمەتلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلاردۇر. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  12. 28

    تارىخ-بۈگۈن | ئۇيغۇر مىللىي ئىنقىلاب تارىخىدىكى ئۆلمەس ئۇيغۇر رەھبىرى-ئەخمەتجان قاسىمى تەۋەللۇتىغا 110 يىل

    2024-يىلى، 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردە ئۆتكەن مىللىي داھىيسى، 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 110 يىللىقىدۇر. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  13. 27

    تارىخ-بۈگۈن | ئەخمەت ئىگەمبەردى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىك ئەدەبىياتى ۋە مىللىي روھىيىتى ۋەكىللىرىدىن بىرى

    بۇ يىل ئۆزىنىڭ 88 ياشلىقىنى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالغان تالانتلىق ئەدىب، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان مىللەتپەرۋەرلىك شېئىرىيىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى، سۇنماس مىللەتپەرۋەر، 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تارىخ كەچمىشلىرىنىڭ شاھىتى دەپ ھېسابلانغان ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ ھاياتىغا يەنە بىر زور مۇۋەپپەقىيەت قوشۇلدى. بۇ بولسىمۇ، ئاپتورنىڭ 4 توملۇق تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ نەشر قىلىنىشىدۇر. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  14. 26

    تارىخ-بۈگۈن | 100 يىلغا تەڭ 70 يىللىق ئىجادىيەت: ئەخمەت ئىگەمبەردى تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ دۇنياغا كېلىشى

    چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ باش بولۇپ رەتلەپ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 88 ياشلىق پېشقەدەم ئەدىب، شائىر، 1940-يىللاردىن تارتىپ كۈنىمىزگىچە بولغان ئۇيغۇر تارىخىي جەريانلىرىنىڭ شاھىتى، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەر زىيالىيسى ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ 70 يىللىق ئىجادىيىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان تۆت توملۇق تاللانما ئەسەرلىرى رەسمىي نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان مەدەنىي ھاياتىدىكى بۇ يېڭىلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  15. 25

    تارىخ-بۈگۈن | پروفېسسور ئابلەت خوجايېف: خەن سۇلالىسىنىڭ «دۇخۇفۇ» سى ئەمەلىيەتتە ئەھۋال ئىگىلەش ۋە جاسۇسلۇق ئورنىدۇر

    ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچى تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئابلەت خوجايېف خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە تارىخچىلىرى دەۋاتقان «دۇخۇ مەھكىمىسى» ئارقىلىق «شىنجاڭنى ئىدارە قىلغانلىقى» نىڭ تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايچە سۆز «دۇخۇ» ۋە دۇخۇفۇ» دېگەنلەرنى تەھلىل قىلغاندا بۇ مەمۇرىي ۋە ھەربىي باشقۇرۇش ئورگىنى ئۇقۇمى بەرمەيدۇ. تەسىس قىلىنغان «دۇخۇ» لار ئەمەلىيەتتە «غەربىي يۇرت» نىڭ مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋىتى، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلىرى، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە باشقىلار ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەپ، ئۇچۇر توپلايدىغان، يەنى جاسۇسلۇق قىلىدىغان ھەم ھازىرقى تىل بويىچە ئالغاندا بەلكى كونسۇللۇق ۋەزىپىسىنىمۇ ئاتقۇرىدىغان كىشىلەردۇر. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  16. 24

    تارىخ-بۈگۈن | پىروفېسسور ئابلەت خوجايېف: ئۇيغۇرلارنىڭ ئوق-يىلتىزى، يەنى تۈپ ئېتنىك مەنبەسى يۈئېجى-ئوغۇزلاردۇر

    ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچى تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئابلەت خوجايېف ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى ئۇيغۇرلار ئېتنىك جەھەتتىن پەيدا بولغان ۋە راۋاجلانغان ئاساسلىق جايدۇر. ئۇ، قەدىمكى خىتاي تارىخىي مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنغان نەچچە ئونلىغان قەبىلىلەر ئىچىدە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىرلەرگە تۇتاشقان يۈئېجى ياكى كېيىنكىلەر ياۋچى دەپ ئاتىغان قەبىلىنىڭ «ئوغۇز»، «ئوغۇزىيە» سۆزىدىن كېلىپ چىققانلىقى ۋە بىۋاسىتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  17. 23

    تارىخ-بۈگۈن | ئابلەت خوجايېف: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان

    ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرى، خەلقارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئانالىزلىرى كۈندە رادىئو دولقۇنلىرى ۋە تور بەت ئارقىلىق ئاڭلىتىلىدۇ Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  18. 22

    تارىخ-بۈگۈن | پىروفېسسور ئابلەت خوجايېف: «مەقسىتىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كېڭىيىش تارىخىدىن ساۋاق ئالدۇرۇش»

    مەركىزىي ئاسىيانىڭ قەدىمكى ۋە يېقىنقى ئەسىرلەر تارىخىنى خىتاي مەنبەلىرى بويىچە تەتقىق قىلىشتا زور نوپۇزغا ئىگە بولغان تارىخ پەنلىرى دوكتورى، پىروفېسسور، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچى ئالىملىرىدىن بىرى ئابلەت خوجايېفنىڭ «خىتاينىڭ غەربىي چېگرالىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى» ماۋزۇلۇق رۇس تىلىدا يېزىلغانن تەتقىقات كىتابى يېقىندا تاشكەنت شەھىرىدەيورۇق كۆردى.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پىروفېسسور ئابلەت خوجايېف كىتابتا ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىئىنەزەرلىرى، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخ نۇقتىئىنەزەرلىرىگە مۇخالىپ قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  19. 21

    ئابدۇلھەي روزى: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەدەبىياتىنىڭ ئۇنتۇلماس ۋەكىلى (1)

    ئابدۇلھەي روزى 1923-يىلى 10-نويابىردا يەتتەسۇدىكى كەتمەن يېزىسىدا تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى كەتمەندە ئوقۇغان، غۇلجاغا بارغاندىن كېيىن رۇس گىمنازىيەسىدە ئوقۇغان. ئابدۇلھەي روزى خۇددى 20-ئەسىر ئەدەبىياتىدىكى نامايەندىلەردىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، زىيا سەمەدى، زۇنۇن قادىرى ۋە باشقىلارغا ئوخشاشلا قازاقىستاننىڭ يەتتەسۇ رايونىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ بىرىدە تۇغۇلۇپ، 1931-1932-يىلى ئارىسىدا سوۋېت قازاقىستاندا يۈز بەرگەن قاتتىق ئاچارچىلىق ۋە سىياسىي تەقىبلەشلەردىن قاچقان مىڭلىغان قازاق، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئىلىغا قېچىپ كېلىپ يەرلەشكەنىدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  20. 20

    مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى: خاتا ئارمىيەنى قارشى ئېلىش (20)

    بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دۆلىتى-خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى خاتىرە كۈنى شۇنىڭدەك 10-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتاي كوممۇنىست قوشۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ھەربىي يۈرۈشنى باشلىغان كۈنى. دېمەك، ئەنە شۇ 12-ئۆكتەبىردىن باشلاپ تاكى 1950-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىغىچە 190 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي قوشۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىنى ئىگىلىدى. ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 87 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزى شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى ھەققىدىكى ئاغزاكى تارىخىي بايانلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق قىسمىدا ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ ئىشغالىيەتكە شاھىت بولغان كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  21. 19

    U1020-PMN Tarix we Bugun

    Exmet igemberdi; Men shahit bolghan Uyghur qismetliri ( 3)Buningda Uyghurlarning 50-yillardiki maarip we medeniyet jehettiki tereqqiyatliri sozlinidu. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  22. 18

    U1006-PMN Tarix we Bugun

    Exmet Igemberdi; Men shahit bolghan Uyghur qismetliri -2. Buningda Uyghurlardiki deslepki siyasiyidiye, jumhuriyet pikirliri we bashqilar bayan qilinidy Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  23. 17

    tarix we bugun 09022-2022

    Awstraliyediki peshqedem zat Exmet Igemberdining shahit bolghan ishliri 1940-1970-yillar. ( 1-qisim) Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  24. 16

    Tarix we Bugun- 9-08- 2022.

    Toxti Qurban Uyghurlarning 20-esirdiki meshhur siyasiy erbablirining biri. u 1968-1969-yillardiki sherqiy turkistan xelq inqilabi partiyesining bashliqi idi. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  25. 15

    Tarix we Bugun- 2022-yili 11-awghust

    1944-Yilidiki jumhuriyet némishqa "Uyghuristan" emes "Sherqiy Türkistan "dep ataldi? bu heqte sabiq SH T J Bash katipi Abdureup Mexsumning eytip bergenliri Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  26. 14

    U0728-PMN - Tarix we Bugun

    Zunun Teyipofning > kitabi we uning meydan'gha kelish arqa korunishi. Zunun Teyipof sherqiy turkistan armiyesi polkowniki Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  27. 13

    Tarix we Bugun 30-Iyundiki program

    Uyghur xanim-qizliri arisidin yétiship chiqqan alimeler qatarida mexsus Uyghur tarixini tetqiq qilidighanlarning sani bekla az bolsimu, emma ularning qazan'ghan netijiliri alahide közge chéliqidu. Qazaqistandiki turan uniwérsitétining tarix dotsénti, doktor zulfiye kerimowa Uyghur ayalliri arisida mexsus molla musa sayrami qatarliq 19-esir Uyghur tarixchiliri we klassiklirining qolyazma eserliri üstide 20 yilgha yéqin waqittin buyan izchil tetqiq qiliwatqan tarixshunastur. Zulfiye kerimowa yéqinda en'gliye alimliri bilen birlikte qazaqistandiki Uyghur meshrepliri, en'enisi we tarixi boyiche birleshme tetqiqatni royapqa chiqarghandin bashqa ilgiri kéyin 50 parchidin artuq ilmiy maqalisi, bir qanche parche kitablirini rus, Uyghur, qazaq we bashqa tillarda neshr qildurghan. U, Uyghur tarixi mesililirige a'it 12 ilmiy tetqiqat layihesige qatniship uni orundighan. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  28. 12

    tarix we bugun 6-16

    Uyghurlarning Birleshken doletler teshkilati arzusi- tarix nuqtisidin nezer Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  29. 11

    Tarix we Bugun -6-2 kuni

    Ozbekistan alimi Ablexet Xojayof Manjularning Ching imperiyesining Uyghur diyarini ishghal qilishi mesilisi heqqide toxtaldi. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  30. 10

    Tarix we Bugun 5-ayning 19- kuni

    Shinjang/ sherqiy turkistan besiwelin'ghan zeminmu> tarixshunaslarning qarishi. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  31. 9

    U0303-PMN -Tarix we Bugun

    Rusiye-Ukraina urushi, Rus-Xitay munasiwetliri we tarixtin bugungiche. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  32. 8

    U0217-PMN- Tarix we Bugun

    1765-yilidiki Uchturpan qozghilingi we uningdiki qirghinchiliq Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  33. 7

    Tarix we Bugun- 2-17

    1765-yili partlighan Uchturpan qozghilingida Manjur- Ching sulalisi dehshetlik qirghinchiliq elip bardi we 6 aydin jkeyin sheherni boysundurdi. Bu uyghur tarixidiki muhim weqedur. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  34. 6

    Tarix we Bugun- Karil Grishmanga ton kiydurushtin Seypidin Ezizning Mawgha ton kiydurushigiche

    Bu sanda aKril Grishmanga ton kiydurushtin Seypidin Ezizning Mawgha ton kiydurushigiche mesiililer sozlinidu. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  35. 5

    U1028-PMN Tarix we Bugun

    Tarixchi alim Abdulexet Xojayefning Uyghurlarning etnik menbesi heqqidiki qarashliri. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  36. 4

    Tarix we Bugun-Umidwar 10-ayning 14-kuni

    1960-yili tashkentte oquwatqan Uyghur Oqughuchilar Moskwagha Xrushofqa xet yezip, Uyghurlargha yardem berishni telep qilish herikiti qozghidi.Lekin bu heriket netije bermidi. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  37. 3

    Tarix we Bugun-Umidwar

    Xitay xelq azadliq armiyesi 1949-yili 10-ayning 20-kuni Urumchini we putun olkini qandaq igiidi? xelq qarshi aldimu? bu heqte tarixiy shahidlarning qarashliri. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  38. 2

    Tarix we Bugun-7-1 -2021 -Umidwar

    Xitay kompartiyesi: krémil kölenggisi astidiki "Törelme (1) Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

  39. 1

    Tarix we Bugun- 16-sentebir-Umidwar

    Mawizm insaniyetke tehdit" -kona tarixiy hökümning yéngi tekrari; Tursun Reximofning kitabi heqqide melumat. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

Type above to search every episode's transcript for a word or phrase. Matches are scoped to this podcast.

Searching…

We're indexing this podcast's transcripts for the first time — this can take a minute or two. We'll show results as soon as they're ready.

No matches for "" in this podcast's transcripts.

Showing of matches

No topics indexed yet for this podcast.

Loading reviews...

ABOUT THIS SHOW

ئۇيغۇر تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيەت Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

HOSTED BY

RFA

Produced by Radio Free Asia

Frequently Asked Questions

How many episodes does تارىخ-بۈگۈن have?

تارىخ-بۈگۈن currently has 39 episodes available on PodParley. New episodes are automatically indexed when they're published to the podcast feed.

What is تارىخ-بۈگۈن about?

ئۇيغۇر تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيەت Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.

How often does تارىخ-بۈگۈن release new episodes?

تارىخ-بۈگۈن has 39 episodes. Check the episode list to see recent publication dates and frequency.

Where can I listen to تارىخ-بۈگۈن?

You can listen to تارىخ-بۈگۈن on PodParley by clicking any episode. We provide an embedded audio player for direct listening, and you can also subscribe via your preferred podcast app using the RSS feed.

Who hosts تارىخ-بۈگۈن?

تارىخ-بۈگۈن is created and hosted by RFA.
URL copied to clipboard!