PODCAST · society
يورۇق ساھىللار
by RFA
ئۇيغۇر تارىخىدىن ئوچېرىكلار Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
39
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (57): بۇرھان شەھىدىنىڭ خىتاي مەركەزلىك تارىخ سەپسەتەسىگە رەددىيە
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» دا سۆزلىگەن تارىخ دەرسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتكەن كۈچلۈك تەسىرى ئۇزۇن ئۆتمەيلا گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ، شۇنداقلا سولچى ۋە كوممۇنىستلارغا مايىل كۈچلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. جاڭ جىجۇڭنىڭ مەخسۇس تەۋسىيەسى بىلەن 1947-يىلى 9-ئايدا گومىنداڭ پايتەختى نەنجىڭگە بېرىپ، «گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئىتى» دېگەن سالاھىيەت بىلەن مىللەتچى خىتاينىڭ يېرىم يىلدىن ئارتۇق سىياسىي سىناقلىرىدىن ئۆتكەن بۇرھان شەھىدى، 1948-يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ، «شىنجاڭ ئۆلكىسى» نىڭ رەئىسلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، «خىزمەت كۆرسىتىش» ۋە «ساداقەت بىلدۈرۈش» نىڭ پەيتى كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مىللىي تارىخ قۇرۇلۇشىغا ھۇجۇم قىلىپ، خىتاي خوجايىنلىرىنى خوش قىلىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
38
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (56): «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» نىڭ قوليازمىسى ۋەتەنگە قانداق ئېلىپ كىرىلگەن؟
«شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق بۇ ئابىدە ئەسەر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا سىياسىي مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يىللاردا، يەنى 1936-يىلىدىن 1940-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلغان ئىدى. كىتابنىڭ 800 بەتتىن ئاشىدىغان قوليازمىسى 1940-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى كېچىدە يېزىلىپ تاماملانغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۇنى باستۇرۇش ئۈچۈن، كەشمىردىكى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى مۇھەممەد قاسىمجان ھاجى (مەتقاسىم ھاجى)غا ئەۋەتىپ بەرگەن. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
37
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (55): تەمىرات نازىرى ۋە مۇئاۋىن رەئىس بولغان يىللاردا
1946-يىلى 6-ئايدا ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ 25 نەپەر ئەزاسى ئېلان قىلىنغاندا، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ھۆكۈمەت ھەيئىتى، قوشۇمچە تەمىرات (قۇرۇلۇش) نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. ھالبۇكى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە قايسى ۋەزىپىگە قويۇلۇش مەسىلىسىدە، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئىلى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۈچ تەرەپلىك تالاش-تارتىش ۋە پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلىدۇ. گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى جاڭ جىجۇڭ كېيىنكى مەزگىللەردە يازغان ئەسلىمىسىدە، ئەسلىدە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا كۆرسىتىلگەنلىكى، ئەمما ئىلى تەرەپ بۇ ئورۇنغا سەيپىدىن ئەزىزىنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇغرانىڭ تەمىرات نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
36
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (54) : «قۇتلۇق تۈركان» ئوپېراسى
1948-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى مەركىزىي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ كۇلۇبىدا تارىخىي ئوپېرا- «قۇتلۇق تۈركان» نىڭ دەسلەپكى بىرقانچە پەردىسى قويۇلىدۇ. مەزكۇر ئوپېرانى كۆرگەن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى پارلاق مىللىي مەدەنىيىتىگە قىزىققۇچى ياش ھەۋەسكارلار چوڭقۇر ھاياجانغا چۆمىدۇ. چۈنكى شۇ كۈنگە قەدەر ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تارىخى، جۈملىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى تېما قىلىنغان ھېچ بىر سەھنە ئەسىرى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلىپ باقمىغان، شۇنداقلا ئۈرۈمچى، قەشقەر ياكى غۇلجا سەھنىلىرىدە ئوينالمىغان ئىدى! Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
35
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (53): «ئەي، ۋەتەن قۇربانلارى!»
شۇ كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار رايونىغا توپلانغان مىڭلىغان جامائەت ئىككى تاۋۇتنى ئېگىز كۆتۈرگىنىچە قوشكۆۋرۈك (نەنلياڭ)تىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. بېلىگە ئاق باغلاپ، دۇئا-تەكبىرلەر ئېيتىپ، سۈكۈت ئىچىدە كېتىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى ئۈرۈمچىنى لەرزىگە كەلتۈرىدۇ. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
34
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (52): «‹دەرنەك›-پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىلمىي ۋە ئاممىۋى مۇنبىرى»
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بۇ نۇتقىدا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ: «‹دەرنەك› مەلۇم بىر سىياسىي گۇرۇھ ياكى ئېقىمنىڭ ئاۋازى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىلىم ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلغان ئىلمىي ۋە ئاممىۋى مۇنبەردۇر» دەپ كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇرنىڭ تەكىتلىشىچە، 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ داۋالغۇپ تۇرغان سىياسىي مۇھىتىدا «دەرنەك» سىياسىي نۇقتىئىنەزەرلەر بىلەن چۈشىلىپ قالمىغان، ھېچبىر سىياسىي گۇرۇھنىڭ مەيدانى ئۈچۈن جار سالمىغان، بەلكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ بىلىم ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋى مۇنبەر بولۇپ قالغان. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
33
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (51): «دەرنەك» يورۇتقان قەلبلەر
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» لەر 1946-يىلى 6-ئايدا «ئون بىر بىتىم» ئىمزالانغاندىن كېيىن، «ئالتاي» نەشرىياتىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ ئۇنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ قارمىقىدا «ئەرك» گېزىتىنى نەشىر قىلىشقا باشلايدۇ. 1948-يىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، «ئالتاي» نەشرىياتىنىڭ قارمىقىدا «دەرنەك» نامىدا مەخسۇس ئىلىم مۇنبىرى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان تارىخى، تۈركچىلىك ئاساسلىرى، تىل ۋە ئىملا مەسىلىلىرى، تۈرك ئەدەبىياتى، تۈركىستان ۋە سىبىرىيە ئاتالغۇلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى، تېبابەت ۋە ساغلاملىق بىلىملىرى، ھەتتا ئاتوم نەزەرىيەسى قاتارلىق تېمىلاردا ئىلمىي لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
32
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (50): «مىللەتچىلەر زادى كىمگە قارشى؟»
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1949-يىلىنىڭ باشلىرىدا «ئەرك» گېزىتىدە ئېلان قىلغان «مىللەتچىلەر كىمگە قارشى؟» ناملىق ماقالىسىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەشۋىقات ماشىنىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللەتچىلىرىنى «پانتۈركىزم» قالپىقى بىلەن ئەيىبلىشىگە قارىتا كۈچلۈك رەددىيە قايتۇرغان ئىدى. ئۇ يەنە «ئەرك» گېزىتى ئەتراپىغا توپلانغان تۈرك مىللەتچىلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ ئىلى ئىنقىلابچىلىرى باشلىغان مۇقەددەس مىللىي ئىنقىلابقا قارشى ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئىلى ئىنقىلابچىلىرى كۆتۈرۈپ چىققان شەرقىي تۈركىستان دېگەن مۇقەددەس نام ۋە ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراق ئاستىدىكى بۈيۈك مىللىي غايىگە ئاشىنا ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
31
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (49) : «ئىرقىمىز تۈركتۇر، دىنىمىز ئىسلامدۇر، يۇرتىمىز تۈركىستاندۇر»
ئۇلارنىڭ تۈپ سىياسىي غايىسى «ئەرك» گېزىتىنىڭ باش تىتولىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىگە يېزىلغان «بىز خەلقچىمىز، بىز مىللەتچىمىز، بىز ئىنسانىيەتچىمىز»، شۇنداقلا «ئىرقىمىز تۈركدۇر، دىنىمىز ئىسلامدۇر، يۇرتىمىز تۈركىستاندۇر» دېگەن ئالتە شوئارغا مەركەزلەشكەن ئىدى. يۇقىرىقى ئالتە شوئارنىڭ ئاستىدا يەنە جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مەشھۇر قىبلىنامىسى بولغان «تىلدا، ئىشتا، پىكىردە بىرلىك!» دېگەن شوئارمۇ قوشۇمچە قىلىنغان ئىدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
30
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (48): «ئەرك» گېزىتى قانداق يورۇقلۇققا چىقتى؟
مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىمۇ «ئەرك» گېزىتى تەسىس قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەر، بولۇپمۇ ياشلار تەرىپىدىن سۆيۈپ ئوقۇلىدىغان بىر گېزىتكە ئايلىنىشىدا، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا باشچىلىقىدىكى قەلىمى پىشقان ئوتتۇرا ياشلىق يازارلاردىن باشقا، 20-30 ياش ئارىسىدىكى ياش بىر ئەۋلاد قەلەم ئىگىلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
29
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (47): «ئۆلۈشكە رازىمەنكى، خەلقنى رازى قىلماي تۇرۇپ خوتەندىن كەتمەيمەن!»
بۇغراغا قىلىنغان بۇ سۇيىقەست پاش بولغاندىن كېيىن، خوتەندە ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن ئەڭ ئالىي ئەمەلدارى گېنېرال جاڭ جىجۇڭ خوتەنگە جىددىي تېلېگرامما يوللاپ، بۇغرانىڭ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما بۇغرا كەسكىنلىك بىلەن: «ئۆلۈشكە رازىمەنكى، خەلقىمنى رازى قىلماي تۇرۇپ خوتەندىن كەتمەيمەن!» دەپ جاۋاب تېلېگرامما ئەۋەتىدۇ. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
28
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (46): خوتەن ۋىلايتىدە دېموكراتىك سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ بىرىنچى ھىجرەتتىن كېيىن ۋەتەندە ئۆتكۈزگەن قىسقىغىنە 5 يىللىق ھاياتى ئۇنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسىدىكى ئۇنتۇلماس يىللار بولغان ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ جەنۇبقا سەپەر قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ دېموكراتىك سايلىمىغا نازارەتچىلىك قىلىشى ۋە گومىنداڭ ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشىشى، بۇغرانىڭ سىياسىي كۈرەش ھاياتىدىكى ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ كەسكىن سەھىپىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
27
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (45): «ئالتاي» نەشرىياتى ئەتراپىدا
«ئالتاي» نەشرىياتى 1940-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم روللارنى ئوينىغان ئىدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك يازمىسىدا ئۆزلىرىنىڭ 1945-يىلى 10-ئايدا ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، بىر مىللەتچى پارتىيە قۇرماقچى بولغانلىقىنى، ئەمما شەرت-شارائىتنىڭ يار بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك «ئالتاي» نەشرىياتى نامىدا بىر ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەسىس قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنى كەلگۈسىدە قۇرۇلغۇسى مىللەتچى پارتىيەنىڭ ئاساسى قىلماقچى بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
26
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (44): «ئالتاي» مەجمۇئەسىدىن «ئالتاي» نەشرىياتىغىچە
20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىق ۋە نەشرىياتچىلىق تارىخىدا «ئالتاي» نامىدا چىقىرىلغان ئۇنىۋېرسال مەجمۇئە بىلەن كېيىنچە ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان «ئالتاي» نەشرىياتى ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئوينىغان ئىدى. خوتەن ئىنقىلابىنىڭ يولباشچىسى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۆزىنىڭ سىياسىي مۇساپىرەت ھاياتىدا 1943-يىلىدىن باشلاپ «ئالتاي» مەجمۇئەسىنىڭ باش مۇھەررىرىلىكىنى، شۇنداقلا 1946-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان «ئالتاي» نەشرىياتىنىڭمۇ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
25
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (43) : «ئون بىر بىتىم» ۋە «بىرلەشمە ھۆكۈمەت» توغرىسىدىكى جىددىي تارتىشمىلار
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق مىللەتچىلەر گۇرۇھىدىكى سەرخىللار ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى «تىنچلىق سۆھبىتى» گە قاتناشتۇرۇلمايدۇ، ئەمما ئۇلار كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە 8 ئايغا سوزۇلغان «تىنچلىق سۆھبىتى» نىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئىلى تەرەپ سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ ماناس دەرياسى بويىغا كېلىپ بولغان مىللىي ئارمىيەنىڭ سۈر-ھەيۋىتىنى قالقان قىلىپ، مۇستەقىللىق تەلىپىنى، ھېچ بولمىغاندا ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھالبۇكى، «تىنچلىق سۆھبىتى» ئۇزۇنغا سوزۇلغانسېرى، ئۇنىڭ نەتىجىسى بۇغرانى شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
24
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (42): ئالىي مۇختارىيەتتىن مۇستەقىللىققىچە
مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاران ئۇيغۇر ئەپەندى، مەيلى ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بولسۇن ياكى «ئۈچ ئەپەندى» باشچىلىقىدىكى تۈرك مىللەتچىلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاداققى مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئارىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئاساسلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىش ياكى تايانماسلىق مەسىلىسىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
23
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (41) : «ئۈرۈمچى سۆھبىتى» ۋە ۋەتەنگە قايتىش
ئىلى ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشى، يات تۇپراقلاردا سىياسىي مۇساپىرەت ھاياتىنى ياشاۋاتقان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋەكىللىكىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق سەرخىللارغا مۇنقەرز ۋەتىنىنىڭ ئۇپۇقىدا پارلىغان ھۆرىيەت قۇياشىنىڭ ئۈمىد نۇرىنى كۆرسەتكەن ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت مەركىزىدە يىللارچە سىياسىي كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق سىياسىي سەرخىللار ۋەتەنگە قايتىشنىڭ جىددىي تەرەددۇتىغا كىرىشىدۇ. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
22
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (40): «ۋەتەن تۇپراقلىرى كۆزىمىزگە سۈرمە بولسۇن!»
شەرقىي تۈركىستاننىڭ 20-ئەسىردىكى مىللىي مۇجادىلە تارىخىدا بىر ئىنقىلابچى، بىر قوماندان، بىر مۇدەررىس، بىر تارىخچى ۋە بىر سىياسىي كۈرەشچى سۈپىتىدە تونۇلغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ باشقىلار ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىگەن يەنە بىر ئالاھىدە ئەدەبىي كىشىلىكى مەۋجۇتكى، ئۇ بولسىمۇ دەل ئۇنىڭ بارلىقىنى ۋەتىنىگە تەسەددۇق ئەيلىگەن شائىرلىق دۇنياسىدۇر! Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
21
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (39): گومىنداڭ مەركىزىدە شېڭ شىسەينى جازالىتىش ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق گومىنداڭ مەركىزىدە ۋاقىتلىق سىياسىي كۈرەش يولىنى تۇتقان شەرقىي تۈركىستانلىق سىياسىيونلارنىڭ 1945-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چوڭچىڭدا ئېلىپ بارغان ئەڭ مۇھىم سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى-مىلىتارىست شېڭ شىسەينى جازالىتىش ھەرىكىتى بولغان ئىدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
20
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (38): «قەلەم كۈرىشى» نىڭ جەريانى ۋە ئاخىرقى نەتىجىسى
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك يازمىسىدا، شۇ قېتىملىق «قەلەم كۈرىشى» نىڭ جەريانى ۋە نەتىجىسىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق تەرەپكە يۈزلەنگەنلىكىنى؛ خىتايدىكى مەشھۇر شەخسلەردىن تارىخچى جيەن بوزەن، ئەدىب گومورۇ قاتارلىقلارنىڭ پىكىر بايان قىلىپ، بۇغرانى غالىپ، لى دۇڭفاڭنى مەغلۇپ دەپ ئېيتقانلىقىنى؛ ھەتتا خىتاي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سۇن كې (سۇن جۇڭشەننىڭ ئوغلى)، خىتاي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈ يوۋرېن قاتارلىق يۇقىرى قاتلام خىتاي سىياسىيونلىرىنىڭمۇ بۇغرا كەلتۈرگەن «كۈچلۈك ئىلمىي پاكىتلار ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن ئېگىلىشكە مەجبۇر بولغانلىقى» نى تىلغا ئالىدۇ. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
19
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (37): خىتاي تارىخچىسى لى دۇڭفاڭ بىلەن بولغان «قەلەم كۈرىشى» نىڭ باشلىنىشى
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك خاتىرىسىدە يازغىنىدەك، تەكلىپ لايىھەسىدىكى «شىنجاڭ» دېگەن خىتايچە نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى قوللىنىش؛ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ «تۈرك» مىللىتىگە مەنسۇپلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش؛ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقى بېرىش دېگەندەك ماددىلار، چېن گوفۇ باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ئوڭ قانات مىللەتچىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا قاتارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق سەرخىللەرنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىگە مەتبۇئات ئارقىلىق قارشى تۇرۇش، ئۇلارنىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى خىتايچە سۆز ئويۇنى ئارقىلىق يوققا چىقىرىش ئۈچۈن، خىتاي قەدىمكى تارىخىنى ئاممىبابلاشتۇرۇپ يېزىش بىلەن نام چىقارغان خىتاي تارىخچىسى لى دۇڭفاڭنى «مەتبۇئات كۈرىشى ئۈچۈن سەھنىگە چىقىرىدۇ». Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
18
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (36): گومىنداڭ قانۇن تۈزۈش كومىتېتىغا سۇنۇلغان «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى»
گومىنداڭ مەركىزىدە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، مەسئۇت سابىرى ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار، 1943-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1944-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى» نى تەييارلاپ چىققان. مەزكۇر «19 ماددىلىق تەكلىپ لايىھەسى» گومىنداڭ قانۇن تۈزۈش كومىتېتىغا يوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تولۇق تېكىستى 1944-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت بولغان «داگوڭباۋ» (大公报) گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
17
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (35) : گومىنداڭ مەركىزىدە قەلەم كۈرىشى ۋە مەتبۇئات ئىنقىلابى
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا 1943-يىلى 4-ئايدا كالكۇتتادىن مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ۋاقىتلىق پايتەختى چۇڭچىڭغا يېتىپ بارغاندا، ئىچكىي خىتاينىڭ نەنجىڭ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ ۋە لەنجۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ كىچىك كۆلەملىك بىر جامائىتى مەۋجۇت ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سوۋېت تەھلىكىسى ھەمدە مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ تەقىپلىرىدىن قېچىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە پاناھلىنىۋاتقان سىياسىي شەخسلەر، چوڭ سودىگەرلەر ۋە بىر قىسىم جامائەت ئەربابلىرىدىن تەركىب تاپقان كىشىلەر ئىدى. شۇ يىللاردا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەسئۇت سابىرى بىلەن ئەيسا ئەپەندى، ئىچكىي خىتايدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ يېتەكچىلىرى سۈپىتىدە تونۇلغان ئىدى. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ چۇڭچىڭغا بېرىشى بىلەن، بۇ ئۈچ كىشى، كېيىنچە «ئۈچ ئەپەندى» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
16
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (34): خىتاي پايتەختى چوڭچىڭدا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي كۈرەشلەر
خىتاي مەركىزىگە كېتىش شەرتى بىلەن ھىندىستاندىكى ئەنگىلىيە دائىرىلىرىنىڭ تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، 1943-يىلى 4-ئايدا ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى چوڭچىڭغا يېتىپ بارىدۇ. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك خاتىرەسىگە قارىغاندا، ئۇنى چوڭچىڭدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى كۈتۈۋالىدۇ. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
15
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (33) : بىرىنچى ھىجرەت يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا چىقارغان مۇراجىئەت
1943-يىلى 2-ئايدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ خىتاي مەركىزىگە كېتىش شەرتى بىلەن ئىنگلىز تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىشى؛ 4-ئايغا كەلگەندە خانىمى ئامىنە بۇغرانى ئېلىپ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى خىتاينىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى چوڭچىڭغا بېرىشى بىلەن ئۇنىڭ بىرىنچى مۇھاجىرەت يىللىرى (1934-1943) دىكى سىياسىي مۇساپىرلىق ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ. خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىقىلغاندىن كېيىنكى ئاز كەم ئون يىللىق بىرىنچى ھىجرەت مەزگىلى، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى قايتا ئويلىنىش، تارىخىي ساۋاقلارنى يەكۈنلەش، دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىش، مىللىي تارىخ مۇنارىنى تىكلەش، دىپلوماتىيەلىك دىيالوگ قۇرۇش ۋە مۇنقەرز ۋەتىنىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەش جەريانى بولغان ئىدى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
14
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (32): ئىنگلىز تۈرمىسىدىن چىقىش ۋە خىتاي مەركىزىگە كېتىشكە مەجبۇر بولۇش
1930-يىللارنىڭ باشلىرىدا خوتەن ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلغان ۋە خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنى قۇرغان؛ ئافغانىستاندىكى ھىجرەت يىللىرىدا مۇنقەرز ۋەتىنىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ياپونىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن بىر مەھەل مەخپىي ئالاقىلەر قۇرغان؛ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» دىن ئىبارەت ئابىدە ئەسەرنى يېزىپ چىققان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، 1943-يىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە نېمە ئۈچۈن خىتاي مەركىزىگە بېرىش يولىنى تاللىۋالدى؟ بۇ ئۇنىڭ قوراللىق ئىنقىلاب يولىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ياكى سىياسىي مۇرەسسە يولىنى تاللىۋالغانلىقىنىڭ نەتىجىسىمۇ؟ ۋە ياكى ماكان ۋە زاماننىڭ قىستىشى، شۇنداقلا خىتاي مەركىزىگە بېرىشقا مەجبۇر قالغانلىقىدىن بولغانمۇ؟ Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
13
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (31): ئىنگلىز دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى ۋە ھىندىستاندا قولغا ئېلىنىش
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھىندىستانغا بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەنگلىيە مەخپىي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئۇ «سىياسىي ھاياتىم» ناملىق بىئوگرافىك يازمىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن كالكۇتتادىن راۋالپىندىدىكى ئائىلەمنىڭ قېشىغا كېلەر-كەلمەيلا، ئەنگلىيە مەخپىي ساقچىلىرىنىڭ نازارىتىگە ئېلىندىم. 4-ئاينىڭ 29-كۈنى پىشاۋۇر ساقچىسىنىڭ قولىدا ئېلىپ قېلىنغان تۆت ساندۇق كىتابىمنى ئالغىلى پىشاۋۇرغا بارغىنىمدا، ئۇلار مەخپىي ساقچى باشلىقىنىڭ دېھلىدىن كەلگەن بىر بۇيرۇقىنى ماڭا بىلدۈردى. بۇيرۇقتا ھىندىستان ھۆكۈمىتى مېنىڭ تېزلىك بىلەن ھىندىستاندىن چىقىپ كېتىشىمنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى. مەن، قولۇمدا پۇلۇم بولمىغانلىقتىن باشقا بىر يەرگە كېتىشىم مۇمكىن ئەمەس، دېدىم. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇلار مېنى پىشاۋۇر مەركىزىي تۈرمىگە قامىدى. راۋالپىندىدە ئائىلەمگە قاراۋاتقان بىر نەۋرە تۇغقىنىم ئابدۇلكەرىم ھاجىنىمۇ مېنى قامىغان تۈرمىگە قامىدى.» Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
12
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا (30): كابۇلدىن ئايرىلىپ ھىندىستانغا قايتىش
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھەل قىلغۇچ مەزگىلگە كىرگەن، دۇنيانىڭ كەلگۈسى سىياسىي تەرتىپىنى قايسى تەرەپنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقى تېخى ئېنىق بولمىغان بىر پەيتتە، يەنى 1942-يىلىنىڭ مارت ئايلىرىدا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا كابۇلدىن ئايرىلىپ، ئەنگىلىيە ئىشغالىيىتىدىكى ھىندىستاننىڭ پېشاۋۇر شەھىرىگە بارىدۇ. ئۇنداقتا، ئافغانىستاندا 7-8 يىلدەك سىياسىي مۇساپىر بولۇپ ياشىغان بۇغرا نېمە ئۈچۈن ھىندىستانغا قايتتى؛ ئۇنىڭ كابۇلدىن ئايرىلىپ يېڭى چىقىش يول ئىزدىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئامىل زادى نېمە؟ Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
11
Eset Kutlan-Yoruq Sahillar yengi sani-14
Yoruq Sahillar yengi sani--Muhemmed emin bughra (14): xoten hökümitining sherqiy türkistan islam jumhuriyiti bilen bolghan munasiwiti Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
10
Eset Kutlan Yoruq Sahillar programmisi
No Summary Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
9
Yoruq Sahillar: Muhemmed Emin Bughra (12): Xoten inqilabining partlishi we chaqmaq tézlikide ghelibige Érishishi
Muhemmed emin bughra «sherqiy türkistan tarixi» namliq kitabida, özining xotendiki mexpiy inqilabiy teshkilatning 18 neper asasliq ezasi bilen meslihetliship, hijiriye 1351-yili shewwal éyining 20-küni peyshenbe kéchisi, yeni miladiye 1933-yili 2-ayning 16-küni qaraqashtiki xitay yamoligha hujum bashlashni qarar qilghanliqini yazidu. Halbuki, xotendiki xitay da'iriliri qozghilang pilandin xewer tépip qalghachqa, ular hujum künini aldigha sürüp, miladiye 1933-yili 2-ayning 13-küni tang seherde tuyuqsiz hujum bashlaydu.Istanbul uniwérsitéti türkiyat inistitutining dokturanti, «sherqiy türkistan tarixi» ni türkchige terjime qilghuchi, shundaqla muhemmed emin bughraning newre tughqanliridin biri bolghan abdulla oghuz ependi, xoten inqilabining partlash jeryani heqqide birinchi qol tarixiy menbelerge tayinip, uchur béridu. U muhemmed emin bughra rehberlikidiki xoten qozghilangchilirining hel qilghuch peytte aqilane qarar chiqirip, qozghilangni del peytide bashlighanliqi we düshmenning ajiz nuqtisidin bösüsh éghizi achqanliqini ilgiri süridu. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
8
By Kutlan, Bright Shores: M. E. Bugra and his life story (11)
1930-Yilining yaz aylirida 6 ayliq weten sayahitige atlanghan muhemmed emin bughraning ghuljada sabit damollam bilen körüshüshi, 1930-yillarning bashliridiki sherqiy türkistan milliy inqilab tarixida intayin muhim weqe bolghan idi. Sherqiy türkistan milliy inqilabining jenubtiki tunji meshilige aldi bilen xotende ot yéqilidighanliqi shu qétimliq körüshüshte belgilen'gen idi. Dégendek, islam dunyasidiki 2 yildin artuq sürgen sayahitini axirlashturup weten'ge qaytqan sabit damollam, 1932-yilining axiri hindistan arqiliq biwasite xoten'ge yétip kélidu.Muhemmed emin bughraning özimu «sherqiy türkistan tarixi» namliq kitabida bu heqte mundaq dep yazidu: «1932-yili she'iban éyida (yeni 11-ayda) sabit damolla hajim se'udi erebistan, türkiye, misir we hindistan sayahitidin qaytip xoten'ge keldi. U sayahet xatirilirini we tesiratlirini anglatti. Misir, se'udi erebistan we hindistanda bezi siyasiy kishiler bilen körüshkenlikini sözlep bérip, sherqiy türkistanda bir milliy inqilab qozghalsa, qoshna ellerning mudaxile qilish éhtimalining az ikenlikini éytti; shundaqla xelqara jama'etchilik qanunlirigha qarighanda, bir yurtning ichkiy ishlirigha arilishish toghra emeslikini sözlep, ghuljada körüshken chéghimizdiki meslihetimiz boyiche, xotende bir milliy inqilab teshkilati qurush meqsiti bilen udul xoten'ge kelgenlikini éytti. Etisi men sabit damolla hajimgha teshkilatimiz heqqide we mexpiyetlikimiz heqqide tepsiliy melumat berdim. Damolla hajim bularni anglap bek xursen boldi we derhal bu teshkilatqa eza bolushni telep qildi. Men teshkilatimizning mejlisini chaqirdim we sabit damolla hajimning telipini otturigha qoydum. Pütün ezalar sabit damolla hajimning xoten milliy inqilab teshkilatigha ezaliqqa élinishini maqullidi.» Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
7
Muhemmed Emin Bughra (2)
YORUQ SAHILLAR - Muhemed Emin Bughra (2): Weten qayghusini yukligen "xiyalchan bala" Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
6
Abduqadir Damollamning uzaqqa sozulghan we axiri chiqmighan délosi (19)
1924-Yili 8-ayning 14-küni yérim kéchide Abduqadir Damollam sirliq süyiqest bilen öltürülgendin kéyin, qeshqer weziyiti birdinla jiddiyliship kétidu. Bu xewer chaqmaq tézlikide etrapqa tarqilidu, hetta chégra halqip qoshna Ottura Asiya tupraqlirigha, shundaqla Himalaya téghining u teripidiki Hindistanghiche pur kétidu. Dawalghup turghan weziyetni tinjitish üchün qeshqer dotiyi Abduqadir Damollamning yéqin sepdashliri, ishenchilik talipliri we Qeshqerdiki qelbi oyghaq serxillarni türkümlep qolgha alidu. Ularning bir qismi yoshurunche Tashkent, Enjan, Qaraqol qatarliq Ottura Asiya sheherlirige; bir qismi Ghulja, Chöchek qatarliq Tengritéghining shimalidiki sheherlerge; yene bir qismi Shangxey,Tyenjin qatarliq xitayning ichkiy jaylirigha qéchip bérip jan saqlaydu. Türkiye Ege uniwérsitéti Türk dunyasi tetqiqat inistitutining proféssori Alimjan Inayet ependining tekitlishiche, Abduqadir Damollamning Hindistanda oquwtqan oghli Abduleziz Mexsum bu xewerni anglighandin kéyin derhal weten'ge qaytip kelgen we dadisining qatillirini jazalap bérishni telep qilip terep-terepke erz sunghan. Amérikadiki yash uyghur bilim ademliridin Taran Uyghur ependimu özi körgen tarixiy menbeler asasida Abduqadir Damollam öltürülgendin kéyinki qeshqer weziyiti hemde Abduqadir Damollamning oghli Abduleziz Mexsumning dadisi üchün élip barghan erz-shikayetliri heqqide melumat berdi. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
5
Muhemmeteli Tewpiq: «Damolla Abdulqadir neheq kettiler!» (18)
Muhemmeteli Tewpiq: «Damolla Abdulqadir neheq kettiler!» (18)1924-Yili 8-ayning 14-küni yérim kéchide yüz bergen qanliq süyqest pütkül Qeshqer shehirini matem qayghusigha chömdüridu. Qutluq Haji Shewqining sözi bilen éytqanda, «milletni zulmet qarangghuluqidin yoruqluqqa bashlighan bir nurluq yultuz» qeshqer asminidin saqip chüshidu. Kishiler ganggiraydu, taliplar haza tutidu, tümen süyi qan bolup aqidu. Abduqadir Damollamning hayati we mujadile yoli heqqide chongqur tonushqa ige proféssor Alimjan Inayet ependi: «Abduqadir Damollamning waqitsiz ölümi Uyghur xelqi üchün tolduriwalghusiz bir yoqitish bolghan idi,» deydu. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
4
Bright Shore Program September 21st
Bright Shore Program: "The horrific night in which Abduqadir Damullam was killed" Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
3
Yoruq Sahillar: Qeshqerde Abduqadir Damollamni Qestlesh Suyiqestining Mexpiy Pilanlinishi (16)
Melumki, qedimiy sheher qeshqer 20-esirning bashlirida merkiziy asiyada tesir-da'ire talishiwatqan birqanchilighan impiriyeler otturisidiki siyasiy sezgürliki intayin yoqiri «ariliq rayon» bolup qalghan idi. Gerche siyasiy séhriger yang zéngshin chégrani düm taqap, sherqiy türkistanni öz aldigha idare qiliwatqan bolsimu, emma hindistanni bésip yatqan büyük biritaniye impiriyesi bilen rusiyede yéngidin hakimiyetni qolgha alghan bolshéwiklar «ariliq rayon» qeshqer arqiliq bir-birini közitip turatti. Uning üstige shiwét missiyonérlirining qeshqerdiki din tarqitish pa'aliyetlirimu tégi-tektidin alghanda yawropa menpe'eti bilen birikip ketken idi. Shu wejidin proféssor alimjan inayet ependi qeshqerde 1924-yili abduqadir damollamgha qarita pilanlanghan süyiqestte köp tereplerning ishbirliki mewjutluqini tekitleydu. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
2
Abduqadir Damollam (14)
Abduqadir damollam 1921-yili ottura asiyadiki eng axiriqi qétimliq sepiridin qaytqinida, uning siyasiy we ijtima'iy pikirliride keskin özgirishler yüz bergen idi. Taran Uyghur ependining tekitlishiche, tarixning dawalghup turghun bu yillirida abduqadir damollam bir ijtima'iy islahatchidin keskin bir inqilabchigha, zamaniwiy ma'arip arqiliq milletni tereqqiyatqa yétekleydighan ilghar pikirlik bir jeditchidin wetenning hörlükini nishan qilghan erkinlik jengchisige aylan'ghan idi. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
-
1
Abduqadir damollam (15)
1920-Yillarning bashliridiki qeshqerning siyasiy we ijtima'iy atmosférasida teswirlesh qiyin bolghan bir xil buruxtumluq höküm sürmekte idi. Bir tereptin siyasiy séhriger yang zéngshin sherqiy türkistanning chet eller bilen tutushidighan chégra éghizlirini düm taqap, Uyghur xelqini tashqiy dunyadiki özgirishlerdin yiraq tutushqa urunsa, yene bir tereptin chet el missiyonérliri din tarqitish pa'aliyetlirini kücheytip, yerlik xelqning meniwiy dunyasida éghir kirizis peyda qilmaqta idi. Türkiye ege uniwérsitéti türk dunyasi tetqiqat inistitutining proféssori alimjan inayet ependi abduqadir damollamning qeshqerdiki yerlik serxilar arisida bu xil tehlikini eng baldur hés qilip yetken munewwerlerning biri ikenlikini tekitleydu. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
We're indexing this podcast's transcripts for the first time — this can take a minute or two. We'll show results as soon as they're ready.
No matches for "" in this podcast's transcripts.
No topics indexed yet for this podcast.
Loading reviews...
ABOUT THIS SHOW
ئۇيغۇر تارىخىدىن ئوچېرىكلار Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
HOSTED BY
RFA
CATEGORIES
Loading similar podcasts...